Share

cover art for كۈندىلىك ئاڭلىتىش

كۈندىلىك ئاڭلىتىش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ كۈندىلىك ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى


Latest episode

  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئاپرىل)

    14:57|
    ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېرىنىڭ مومىسى خىتاي ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يوقىتىش قەدىمىنى يەنە بىر باسقۇچ ئىلگىرىلەتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ئىتالىيەدە «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول ما ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى. تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا دوكلات بەردى.

More episodes

View all episodes

  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 ‏-يىل، 27 ‏-مارت)

    14:57|
    سابىق تۇتقۇن بەختىيار ئۆمەر لاگىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىدەجان ئۈزگەن. كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى لېكسىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر پوچتىسى خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتىگە چېتىشلىق بىر مەنبەدىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي تەتقىقاتچى ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمىنى قوش خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلىدى. تۈركىيە ۋە قازاقىستان باش ئەلچىلىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدىھىيەلىدى.
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026-يىلى 20-مارت)

    15:01|
    شەرقى تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئايرىدۇرۇملارنىڭ يېزىق تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان
  • ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى ( 2026 -يىلى 13 -مارت)

    15:00|
    1. روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان روزىنىسا مەتروزى قاماقخانىدا جان ئۇزگەن2. گاگا شەەۆكمەت، چاغان پائالىيىتىدە چىققان ماجىرادا ئابدۇرەېنىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى زوراۋانلىق دەپ ئەيىبلىدى3. خىتاينىڭ غوللۇق بىر تەشۋىقات سۇپىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇرەېنىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئېلاان قىلغان4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىغان ياپون پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئابلەتنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.5. تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 67-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلرىمۇ قاتناشتى6. ئۇيغۇر تارىخىنى سىستېمىلىق ئوگىنىشنىڭ يېڭى بىر مۇ7. خىتاي سەنئەتكار قولىدا ئۈرۈمچىدە لاگىردىكىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋەققىدە ۋىدىئو بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى، ( 2026 ‏-يىل، 6 ‏-مارت)

    15:00|
                         غۇلجا بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ چېقلىش ئالدىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندىۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى مۇخبىرى شۆەۇر. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدىكى مۇۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:غۇلجا شەەيتۇللا مەسچىتى 1760-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئاز كەم 300 يىللىق تارىخقا ئىگە. قۇرۇلغاندىن بېرى غۇلجا خەلقىنىڭەت تېەقنى تونۇشى، ئەخلاق-ئىنتىزام ۋە بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشىشىغا مەشەل بولۇپ كەلگەن بۇ مەسچىت، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىقىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە چېەققىدە قوللىرىدا ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى دەلىللدى.بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن جان ئالاۋۇدۇن بۇەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق زوراۋانلىقى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەقسىتىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنى بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.2خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل شەرقىي تۈەققىدەېچقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقاتمىدى. بىز خىتاينىڭە دەرىجىلىكىدىن دۆلەت دەرىجىلىكىگىچە ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولساقمۇ، رامىزان بەەققىدەېچنېمە دېيەلمىدى.ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ رامىزان تېمىسىدىكى جىمجىتلىقىنىڭ، جىم تۇرۇۋېلىشىنىڭ رېئال سەۋەەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل خەلقئارا جەمئىيەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رامىزان چەكلىمىسىنى يازمىچە ئەمەس، ئېغىزاكى يەتكۈزگەن.3شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان يازغۇچى يالقۇن روزى 2026-يىللىق «گراسيېلا فېرناندېز مېجىدېۇقنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېەتلەر ئاستىدا ۋەەۋپ ئىچىدە تۇرۇپمۇەقىقەتنى يېزىش ۋە سۆزلەشتىن ۋاز كەچمىگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ مۇكاپاتقا بۇ يىل لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بەش كىشى ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى يالقۇن روزىدۇر.4بۈگۈن پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەەرلىرىنىڭ ب د ت نىڭ 61-نۆۋەۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، ئاكتىپ پائالىيەتچى سېيىت تۇمتۈركنىڭ تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەۇستافا دەستىچىنىڭ تەكلىپى بىلەن گىرىتسىيەنىڭ غەربىي تراكىيە ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقى،شۇنداقلا ئۇيغۇەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ نۆۋەتتە لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى پانامادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا ئاڭلىتىش بېرىمىز. پروگراممىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى تور بېتىمىز ۋە رادىئو دولقۇنلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 27-فېۋرال)

    15:00|
    لوپ ناھىيە بازىرىدا 6 كىشى يوشۇرۇنچە روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. دائىرلەر قەشقەر ۋە ئاقسۇدا ئاھالىلەرنى روزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن، ھاشارغا سالغان. مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات پرېزىدېنت دونالد ترمپنىڭ يىللىق دۆلەت نۇتقى يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ياش پائالىيەتچى ئايدىن ئەنۋەر «مۇسۇلمانلار ئىشلىرى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېسىگە سالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى گېرمانىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان. ۋاشىنگتون ۋە ئىستانبۇلدا خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
  • ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026 -يىلى 20 -فېۋرال)

    15:00|
    قەشقەردە دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ چاغان پائالىيەتلىرىدىكى كۈلۈمسىرىشىگە نومۇر قويغان. ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ چاغان تەرتىپ ساقلىغۇچىلىرى بىلەن ماجىراسى گوللاندىيە ئاخباراتىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. دۇنيا دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشتى. پروفېسسور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان. شائىرە راھىلە كامال دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئاۋسترالىيەدە تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسى K-Mart نى سوتقا تارتتى.